انبیاء · 83/112
تەرجىمە تاۋۇش يېزىق — انبیاء سۈرىسى
۞ وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ ۝٨٣
Wa Ayyooba iz naadaa Rabbahooo annee massaniyad durru wa Anta arhamur raahimeen
📖 ئۇيغۇرچە
(ئەييۇبنىڭ قسسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بال (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى

M Mishary Rashid Alafasy ✓
M Mahmoud Khalil Al-Husary ✓
A Abdurrahman As-Sudais ✓
M Mohamed Siddiq Al-Minshawi ✓
A Abdul Basit Abdul Samad ✓
A Ali Al-Hudhaify ✓
A Ahmed ibn Ali al-Ajamy ✓
A Abu Bakr Ash-Shaatree ✓
M Muhammad Ayyoub ✓
A Abdullah Basfar ✓
A Abdullah Al-Juhani ✓
M Maher Al Muaiqly ✓
0:00
0:00
📜

تەرجىمە — Tafsir

  1. مەنىسى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج بولغان سۆزلەر:
  • «مَسَّنِيَ»: مەندە پەيدا بولدى، مەنگە يەتتى.
  • «الضُّرُّ»: زىيان، كېسەللىك ۋە باشقا بەختسىزلىكلەر.
  • «نَادَى»: ئۇ يالباراپ چاقىردى، دۇئا قىلدى.
  1. ئايەت تەپسىرى:

ئى پەيغەمبەر! ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى ئەسلىگىن. ئۇ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئېغىر كېسەللىك ۋە ئائىلە-بالىلىرىدىن ئايرىلىش بىلەن سىنالغاندا، سەۋر-تاقەت قىلىپ، پەقەت ئاللاھقا يالباردى. ئۇ: «ئى رەببىم! ماڭا زىيان-مۇشەققەت يەتتى، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىملىكىسەن» دېدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ياردەم سورىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، كېسەللىكىنى شىپا قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئائىلە-بالىلىرىنى ۋە مال-مۈلۈكىنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇ قىسسە بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، بەلاغا دۇچ كەلگەندە سەۋر قىلىش ۋە پەقەت ئاللاھقا يالبارىش لازىم. ئاللاھ رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىملىكىدۇر، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك.



📜 ئايەت 81-85 — انبیاء سۈرىسى

81وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ
سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز
82وَمِنَ الشَّيَاطِينِ مَن يَغُوصُونَ لَهُ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَافِظِينَ
سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە - مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق
83۞ وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
(ئەييۇبنىڭ قسسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بال (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى
84فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَكَشَفْنَا مَا بِهِ مِن ضُرٍّ ۖ وَآتَيْنَاهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُم مَّعَهُمْ رَحْمَةً مِّنْ عِندِنَا وَذِكْرَىٰ لِلْعَابِدِينَ
ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق)
85وَإِسْمَاعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ كُلٌّ مِّنَ الصَّابِرِينَ
ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىڭ (قىسسىسىنى باياق قىلغىن). (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى (يەنى اﷲ قا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق ئىدى ۋە گۇناھلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى)
انبیاءقۇرئان تىزىملىكى
112ئايەت
MeccanRevelation
83ئايەت

تەرجىمە — انبیاء 83

انبیاء سۈرىسى ئايەت 83 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئەييۇبنىڭ قسسسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى…

سۈرىسى ئايەت 83/112 — انبیاء سۈرىسى الأنبياء (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: انبیاء سۈرىسى ئاڭلاڭ, انبیاء سۈرىسى تەرجىمە, انبیاء سۈرىسى mp3, انبیاء سۈرىسى pdf. ئايەت 81–85. ئۇيغۇرچە: Türkçe.





قۇرئان كەرىم


Monday, September 28, 2026

Don't forget us in your sincere prayers