وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَن يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ ٤٧
🔤 Transliteration
Wa yasta`juloonaka bil`azaabi wa lany yukhlifal laahu wa`dah; wa inna yawman `inda Rabbika ka`alfi sanatim mimmaa ta`uddoon
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى - سائىتى بولىدۇ)، اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ اﷲ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ، مەككە كاپىرلىرىنىڭ ئازابنى ئالدىراتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ۋەدىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
لۇغەت مەنىسى: «يَسْتَعْجِلُونَكَ»: ئۇلار سەندىن ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. «بِالْعَذَابِ»: ئازاب بىلەن، يەنى ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب بىلەن. «وَلَن يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ»: ئاللاھ ھەرگىز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. «وَإِنَّ يَوْمًا عِندَ رَبِّكَ»: پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈن. «كَأَلْفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ»: سىلەر ساناۋاتقان يىللاردىن مىڭ يىلغا ئوخشاش. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! مەككە كاپىرلىرى سېنىڭ ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغان ئازابىڭنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئالدىراپ سورايدۇ. ئۇلار بۇنى مەسخىرە قىلىش ۋە ئىنكار قىلىش يۈزىسىدىن قىلىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ھەرگىز بۇزمايدۇ؛ ئازاب چوقۇم كېلىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ ۋاقتى ئاللاھنىڭ ئىلمىدە مەلۇم. ئۇلارنىڭ بەزىسىگە دۇنيادىلا ئازاب كەلدى، مەسىلەن بەدر كۈنىدە ئۇلارغا ئازاب يەتكۈزۈلدى. ئاخىرەتتىكى ئازاب بولسا تېخىمۇ قاتتىق ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى بىر كۈن سىلەر دۇنيادا ساناۋاتقان يىللاردىن مىڭ يىلغا باراۋەر. بۇ ئاخىرەت كۈنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە ئۇنىڭدىكى ئازابنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئازابنى ئالدىراتقان بولسا، ئەگەر ئۇلار بۇ كۈننىڭ دەھشىتىنى بىلگەن بولسا، ھەرگىز ئالدىراتمىغان بولاتتى.
بۇ ئايەتتىن ئىبرەت ئېلىپ، بىز ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز، ئازابنى ئالدىراتماستىن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تەسلىم بولۇشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزنى ئازابىدىن ساقلىسۇن ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتۈرسۈن.
وَيَسۡتَعۡجِلُونَكَ بِٱلۡعَذَابِ وَلَن يُخۡلِفَ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥۚ وَإِنَّ يَوۡمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلۡفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ ٤٧
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى - سائىتى بولىدۇ)، اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ اﷲ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 45-49 — حج سۈرىسى
45 فَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ فَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَبِئْرٍ مُّعَطَّلَةٍ وَقَصْرٍ مَّشِيدٍ
نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم بولغانلىقلىرى ئۈچۈن (شەھەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ) ئۆگزىلىرى ئۆرۈلۈپ، ئۈستىگە تاملىرى يىقىلغان نۇرغۇن تاشلاندۇق قۇدۇقلار ۋە ئېگىز ئىمارەتلەر (ئاھالىسىز) قالغان
46 أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۖ فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَٰكِن تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
ئۇلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار (يەنى سەير قىلىپ) چۈشىنىدىغان دىللارغا، ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟ ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقىي كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ)
47 وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَن يُخْلِفَ اللَّهُ وَعْدَهُ ۚ وَإِنَّ يَوْمًا عِندَ رَبِّكَ كَأَلْفِ سَنَةٍ مِّمَّا تَعُدُّونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ تېز نازىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ (ئازاب چوقۇم نازىل بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نازىل بولۇشنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى - سائىتى بولىدۇ)، اﷲ ۋەدىسىگە ھەرگىز خىلاپلىق قىلمايدۇ اﷲ بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر
48 وَكَأَيِّن مِّن قَرْيَةٍ أَمْلَيْتُ لَهَا وَهِيَ ظَالِمَةٌ ثُمَّ أَخَذْتُهَا وَإِلَيَّ الْمَصِيرُ
نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى زالىم تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا مەن مۆھلەت بەردىم (ئۇلار بۇ مۆھلەتكە مەغرۇر بولۇپ كەتتى)، ئاندىن (يەنى ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت مۆھلەت بەرگىنىمدىن كېيىن) ئۇلارنى جازالىدىم، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر (يەنى ئاخىر ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ
49 قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّمَا أَنَا لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
(ئى مۇھەممەد! اﷲ نىڭ ئازابىنىڭ تېز نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
تەرجىمە — حج 47 حج سۈرىسى ئايەت 47 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن سەندىن ئازابنىڭ…
سۈرىسى ئايەت 47/78 — حج سۈرىسى الحج (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: حج سۈرىسى ئاڭلاڭ, حج سۈرىسى تەرجىمە, حج سۈرىسى mp3, حج سۈرىسى pdf. ئايەت 45–49. ئۇيغۇرچە: Türkçe.