لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا ٢١
🔤 Transliteration
Laqad kaana lakum fee Rasoolil laahi uswatun hasanatul liman kaana yarjul laaha wal yawmal Aakhira wa azkaral laaha kaseeraa
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
سىلەرگە - اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە - رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
1) لۇغەت ئىزاھاتى: أُسْوَةٌ : ئەۋرىز، ئۆلگە، يەنى ئەگىشىدىغان ۋە ئۈلگە قىلىدىغان نەرسە.حَسَنَةٌ : گۈزەل، ياخشى، چىرايلىق.يَرْجُو : ئۈمىد قىلىدۇ، ئۈمىدۋار بولىدۇ.ذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا : ئاللاھنى كۆپ ئەسلىگەن، يەنى تىلى ۋە قەلبى بىلەن ئاللاھنى كۆپ ياد قىلغان.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە سىلەرگە ئۇلۇغ بىر خەۋەر بېرىدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدە، قىلمىشلىرىدا ۋە ھال-ئەھۋالىدا سىلەر ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئۈلگە ۋە ئەڭ ياخشى ئەۋرىز بار. ئۇ زات ئۆزى جىھادقا قاتناشتى، ئۇرۇشقا ئۆزى بېشى بىلەن كىردى، قىيىنچىلىقلارغا ئۆزى بەرداشلىق بەردى. ئۇنداقتا سىلەر نېمىشقا ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭدىن ئايىسىلەر؟ سىلەر ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار.
لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەر كىم ئەگەشمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغان، قىيامەت كۈنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە ئۇ كۈن ئۈچۈن ئەمەل قىلغان، ئاللاھنى تىلى ۋە قەلبى بىلەن كۆپ ياد قىلغان كىشىلەرلا ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. ئەمما قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد قىلمايدىغان كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەيدۇ.
ئەي مۇسۇلمانلار! بۇ ئايەت سىلەرگە بىر چوڭ ھەقىقەتنى ئېيتىپ بېرىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى سىلەر ئۈچۈن بىر نۇرلۇق يول، بىر ئوچۇق يېتەكچىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆگىنىڭلار، ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئۈلگە قىلىڭلار. ئۇنداق قىلغاندا، سىلەر بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپىسىلەر. ئاللاھ بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ يولىدا مۇستەھكەم مېڭىدىغان بەندىلىرىدىن قىلسۇن. ئامىن.
لَّقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِي رَسُولِ ٱللَّهِ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرًا ٢١
سىلەرگە - اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە - رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 19-23 — احزاب سۈرىسى
19 أَشِحَّةً عَلَيْكُمْ ۖ فَإِذَا جَاءَ الْخَوْفُ رَأَيْتَهُمْ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ تَدُورُ أَعْيُنُهُمْ كَالَّذِي يُغْشَىٰ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَإِذَا ذَهَبَ الْخَوْفُ سَلَقُوكُم بِأَلْسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى الْخَيْرِ ۚ أُولَٰئِكَ لَمْ يُؤْمِنُوا فَأَحْبَطَ اللَّهُ أَعْمَالَهُمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا
ئۇلار سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىلدۇر، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىر لىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل - مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار (چىن دىللىرى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. (ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلدى، بۇ اﷲ ئۈچۈن ئاساندۇر
20 يَحْسَبُونَ الْأَحْزَابَ لَمْ يَذْهَبُوا ۖ وَإِن يَأْتِ الْأَحْزَابُ يَوَدُّوا لَوْ أَنَّهُم بَادُونَ فِي الْأَعْرَابِ يَسْأَلُونَ عَنْ أَنبَائِكُمْ ۖ وَلَوْ كَانُوا فِيكُم مَّا قَاتَلُوا إِلَّا قَلِيلًا
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) (قاتتىق قورققانلىقتىن) ئىتتىپاقداش قوشۇننى چېكىنمىدى دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر ئىتتىپاقداش قوشۇن قايتا كەلسە، ئۇلار (قىردا) ئەئرابىلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) يېنىدا تۇرۇپ سىلەرنىڭ خەۋەرلىرىڭلارنى ئۇققاچ (تىنچ يېتىشىنى) ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار (ئۇرۇش ۋاقتىدا) ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ، (قورققانلىقتىن) جەڭگە (رىيا قىلىپ) ئاندا - ساندا قاتناشقان بولاتتى
21 لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا
سىلەرگە - اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ نى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە - رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر
22 وَلَمَّا رَأَى الْمُؤْمِنُونَ الْأَحْزَابَ قَالُوا هَٰذَا مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَصَدَقَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ ۚ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّا إِيمَانًا وَتَسْلِيمًا
مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ (يەنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى» دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (اﷲ قا بولغان) ئىمانىنى ۋە (اﷲ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى
23 مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ صَدَقُوا مَا عَاهَدُوا اللَّهَ عَلَيْهِ ۖ فَمِنْهُم مَّن قَضَىٰ نَحْبَهُ وَمِنْهُم مَّن يَنتَظِرُ ۖ وَمَا بَدَّلُوا تَبْدِيلًا
مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) اﷲ قا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتكمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق
تەرجىمە — احزاب 21 احزاب سۈرىسى ئايەت 21 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : سىلەرگە - اﷲ نى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە اﷲ…
سۈرىسى ئايەت 21/73 — احزاب سۈرىسى الأحزاب (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: احزاب سۈرىسى ئاڭلاڭ, احزاب سۈرىسى تەرجىمە, احزاب سۈرىسى mp3, احزاب سۈرىسى pdf. ئايەت 19–23. ئۇيغۇرچە: Türkçe.