۞ هَٰذَانِ خَصْمَانِ اخْتَصَمُوا فِي رَبِّهِمْ ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِّن نَّارٍ يُصَبُّ مِن فَوْقِ رُءُوسِهِمُ الْحَمِيمُ ١٩
🔤 Transliteration
Haazaani khasmaanikh tasamoo fee Rabbihim fal lazeena kafaroo qutti`at lahum siyaabum min naar; yusabbu min fawqi ru`oosihimul hameem
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار اﷲ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ
🌐 Additional reference in Türkçe
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن كاپىرلارنىڭ پەرۋەردىگارى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ھەقلىق دەپ قارىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەمدى كاپىر بولغانلارغا دوزاختىن كىيىملەر تەييارلىنىپ، ئۇلار شۇ كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئۇلارنىڭ بېشىدىن قايناق سۇ قۇيۇلىدۇ.
ئاساسىي مەزمۇنلار: بۇ ئايەتتە ئىككى گۇرۇھنىڭ - ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن كاپىرلارنىڭ - ئاللاھ توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ھەر ئىككى گۇرۇھ ئۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. ئاندىن كاپىرلارنىڭ ئاخىرەتتە دۇچ كېلىدىغان ئازابى تەسۋىرلىنىدۇ: ئۇلارغا دوزاختىن كىيىملەر تەييارلىنىدۇ، بۇ كىيىملەر ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ، ئوت ئۇلارنىڭ تېنىنى كۆيدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىدىن قايناق سۇ قۇيۇلۇپ، ئۇ سۇ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا سىڭىپ، ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ئېرىتىپ، تېرىسىگە يېتىپ بارىدۇ ۋە ئۇنى كۆيدۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش ۋە ئىبرەت: بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاللاھ توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىش ۋە كۇفرىدا چىڭ تۇرۇش ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا سەۋەب بولىدۇ. ئىمان ئېيتقۇچىلار بولسا، ئاللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزنى ھىدايەت قىلىپ، ئازابىدىن ساقلىسۇن. بۇ ئايەت ئىمان ئېيتقۇچىلارنى ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىشكە ۋە كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئاللاھ بىزنى ھەق يولىدا مۇستەھكەم قىلسۇن.
۞ هَٰذَانِ خَصۡمَانِ ٱخۡتَصَمُواْ فِي رَبِّهِمۡۖ فَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ قُطِّعَتۡ لَهُمۡ ثِيَابٌ مِّن نَّارٍ يُصَبُّ مِن فَوۡقِ رُءُوسِهِمُ ٱلۡحَمِيمُ ١٩
(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار اﷲ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 17-21 — حج سۈرىسى
17 إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَالَّذِينَ هَادُوا وَالصَّابِئِينَ وَالنَّصَارَىٰ وَالْمَجُوسَ وَالَّذِينَ أَشْرَكُوا إِنَّ اللَّهَ يَفْصِلُ بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار، ناسارالار، مەجۇسىيلەر (يەنى ئاتەشپەرەسلەر) ۋە مۇشرىكلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى اﷲ ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، (يەنى اﷲ تائالا مۆمىنلەر بىلەن مەزكۇر بەش پىرقە ئارىسىدا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ، مۆمىنلەرنى جەننەتكە، كۇففارلارنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
18 أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَسْجُدُ لَهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَمَن فِي الْأَرْضِ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ وَالنُّجُومُ وَالْجِبَالُ وَالشَّجَرُ وَالدَّوَابُّ وَكَثِيرٌ مِّنَ النَّاسِ ۖ وَكَثِيرٌ حَقَّ عَلَيْهِ الْعَذَابُ ۗ وَمَن يُهِنِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِن مُّكْرِمٍ ۚ إِنَّ اللَّهَ يَفْعَلُ مَا يَشَاءُ ۩
بىلمەمسەنكى، ئاسماندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)، زېمىندىكىلەر (يەنى ئىنسانلار، جىنلار ۋە زېمىندا ياشايدىغان بارلىق مەخلۇقاتلار)، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار، تاغلار، دەرەخلەر، ھايۋاناتلار اﷲ قا بويسۇنۇپ، اﷲ نىڭ تەسەررۇپ قىلىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ) ۋە نۇرغۇن كىشىلەر اﷲ قا سەجدە قىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر (كۇفرى سەۋەبلىك) ئازابقا دۇچار بولدى، اﷲ نىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ (يەنى ئازاب قىلىش، رەھىم قىلىش، ئەزىز قىلىش، خار قىلىش، باي قىلىش، كەمبەغەل قىلىش اﷲ نىڭ خاھىشىدىكى ئىش بولۇپ، اﷲ قا ھېچ كىشى تەئەررۇز قىلالمايدۇ)
19 ۞ هَٰذَانِ خَصْمَانِ اخْتَصَمُوا فِي رَبِّهِمْ ۖ فَالَّذِينَ كَفَرُوا قُطِّعَتْ لَهُمْ ثِيَابٌ مِّن نَّارٍ يُصَبُّ مِن فَوْقِ رُءُوسِهِمُ الْحَمِيمُ
(مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كۇففارلار اﷲ نىڭ دىنى ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە قىلىشىپ، مۆمىنلەر اﷲ نىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولدى، كۇففارلار اﷲ نىڭ نۇرىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى)، كاپىرلارغا ئوتتىن كىيىملەر پىچىلىدۇ، ئۇلارنىڭ باشلىرى ئۈستىدىن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ قويۇلىدۇ
20 يُصْهَرُ بِهِ مَا فِي بُطُونِهِمْ وَالْجُلُودُ
ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ –باغرى ۋە تېرىلىرى ئېرىتىلىدۇ
21 وَلَهُم مَّقَامِعُ مِنْ حَدِيدٍ
ئۇلار تۆمۈر - توقماقلار بىلەن ئۇرۇلىدۇ
تەرجىمە — حج 19 حج سۈرىسى ئايەت 19 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (مۆمىنلەر ۋە كۇففارلاردىن ئىبارەت) بۇ ئىككى (پىرقە) پەرۋەردىگارى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى…
سۈرىسى ئايەت 19/78 — حج سۈرىسى الحج (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: حج سۈرىسى ئاڭلاڭ, حج سۈرىسى تەرجىمە, حج سۈرىسى mp3, حج سۈرىسى pdf. ئايەت 17–21. ئۇيغۇرچە: Türkçe.