وَاتَّخَذُوا مِن دُونِهِ آلِهَةً لَّا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ وَلَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا وَلَا يَمْلِكُونَ مَوْتًا وَلَا حَيَاةً وَلَا نُشُورًا ٣
🔤 Transliteration
Wattakhazoo min dooniheee aahihatal laa yakhluqoona shai`anw wa hum yukhlaqoona wa laa yamlikoona li anfusihim darranw wa laa naf`anw wa laa yamlikoona mawtanw wa laa hayaatanw wa laa nushooraa
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
مۇشرىكلار اﷲ نى قويۇپ ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ
🌐 Additional reference in Türkçe
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارنىڭ ئۆزىنى قويۇپ باشقا بۇت-سەنمەنلەرنى ئىلاھ قىلىپ ئالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلار ئىبادەت قىلغان بۇتلار ھەرگىز بىرەر نەرسىنى يارىتالمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزى يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر زىياننى كەلتۈرۈش ياكى پايدا يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەس، شۇنداقلا بىرەر جاننى ئۆلتۈرۈش، بىرەر ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش ياكى قەبرىسىدىن قايتا تىرىلدۈرۈپ چىقىرىشقا ھەرگىز كۈچى يەتمەيدۇ.
ئەي ئىنسانلار! ئويلىنىپ باقايلى، ئۆزى يارىتىلغان، ھەتتا ئۆزىگە پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولمىغان، ئۆلۈك تىرىلدۈرۈش ياكى جان ئېلىش قولىدىن كەلمەيدىغان بۇتلار قانداقمۇ ئىلاھ بولالايدۇ؟ ھەقىقىي ئىلاھ بولىدىغان زات چوقۇم يارىتىش، پايدا-زىيان يەتكۈزۈش، ھايات-مەمات ۋە قايتا تىرىلدۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ سۈپەتلەر پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا خاستۇر. شۇڭا، ئىنسان ئۆزىنى يارىتىپ، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا مۇھتاج بولۇپ تۇرغان يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەسلىكى لازىم. بۇ ئايەت بىزگە ھەقىقىي ئىلاھ بىلەن يالغان ئىلاھلارنى ئايرىپ بېرىدىغان روشەن دەلىل بولۇپ، ئىنساننى توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً لَّا يَخۡلُقُونَ شَيۡـًٔا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ وَلَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ ضَرًّا وَلَا نَفۡعًا وَلَا يَمۡلِكُونَ مَوۡتًا وَلَا حَيَوٰةً وَلَا نُشُورًا ٣
مۇشرىكلار اﷲ نى قويۇپ ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 1-5 — فرقان سۈرىسى
1 تَبَارَكَ الَّذِي نَزَّلَ الْفُرْقَانَ عَلَىٰ عَبْدِهِ لِيَكُونَ لِلْعَالَمِينَ نَذِيرًا
پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان اﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر
2 الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَمْ يَتَّخِذْ وَلَدًا وَلَمْ يَكُن لَّهُ شَرِيكٌ فِي الْمُلْكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ فَقَدَّرَهُ تَقْدِيرًا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ نىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، اﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى
3 وَاتَّخَذُوا مِن دُونِهِ آلِهَةً لَّا يَخْلُقُونَ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ وَلَا يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا وَلَا يَمْلِكُونَ مَوْتًا وَلَا حَيَاةً وَلَا نُشُورًا
مۇشرىكلار اﷲ نى قويۇپ ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ
4 وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا إِفْكٌ افْتَرَاهُ وَأَعَانَهُ عَلَيْهِ قَوْمٌ آخَرُونَ ۖ فَقَدْ جَاءُوا ظُلْمًا وَزُورًا
كاپىرلار: «بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم (يەنى ئەھلى كىتاب) ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بوھتان چاپلاش بىلەن ئۇنىڭغا) زۇلۇم قىلدى ۋە يالغاننى چاپلىدى
5 وَقَالُوا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ اكْتَتَبَهَا فَهِيَ تُمْلَىٰ عَلَيْهِ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
ئۇلار ئېيتتى: «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇركى، ئۇلارنى ئۇ يازدۇرۇۋالغان، (ھىپزى قىلىۋېلىش ئۈچۈن) ئۇنىڭغا ئەتىگەن – ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ»
تەرجىمە — فرقان 3 فرقان سۈرىسى ئايەت 3 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : مۇشرىكلار اﷲ نى قويۇپ ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان…
سۈرىسى ئايەت 3/77 — فرقان سۈرىسى الفرقان (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: فرقان سۈرىسى ئاڭلاڭ, فرقان سۈرىسى تەرجىمە, فرقان سۈرىسى mp3, فرقان سۈرىسى pdf. ئايەت 1–5. ئۇيغۇرچە: Türkçe.