إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ ۗ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ ١٩
🔤 Transliteration
Innad deena `indal laahil Islaam; wa makhtalafal lazeena ootul Kitaaba illaa mim ba`di maa jaaa`ahumul `ilmu baghyam bainahum; wa mai yakfur bi Aayaatil laahi fa innal laaha saree`ul hisaab
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى)، كىمكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
1) قىسقىچە سۆز ئىزاھاتى: الدِّينَ : دىن، يەنى ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىش يولى.الْإِسْلَامُ : ئىسلام، يەنى ئاللاھقا بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش ۋە تەسلىم بولۇش.أُوتُوا الْكِتَابَ : كىتاب بېرىلگەنلەر، يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار.بَغْيًا : ھەسەت قىلىش، زۇلۇم قىلىش، ھەددىدىن ئېشىش.سَرِيعُ الْحِسَابِ : ھېسابى تېز، يەنى ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالىدۇ.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىر مۇھىم ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ: ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدىغان ھەقىقىي دىن پەقەت ئىسلامدۇر. ئىسلام دېگەنلىك — ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇش، ئىتائەت قىلىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەرىئىتىدىن باشقا ھېچقانداق دىننى قوبۇل قىلمايدۇ.
ئىلگىرىكى ئەھلى كىتابلار، يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار، ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىختىلاپقا چۈشتى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن، كىتابلار نازىل بولغان، ھەقىقەت ئوچۇق بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلار ھەسەتچىلىك ۋە دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشتى ۋە تۈرلۈك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ئىختىلاپى ئىلىمسىزلىكتىن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، ھەسەت ۋە مەنسەپ تەلەش سەۋەبىدىن ئىدى.
كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلسا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ھېسابنى ئىنتايىن تېز ئالىدۇ. قىيامەت كۈنى چوقۇم بولىدۇ، ئاللاھ ھەر بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە قاراپ ھېساب ئالىدۇ.
3) دەۋەت ۋە نەسىھەت: ئەي ئىنسانلار! بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولىدىغان دىن پەقەت ئىسلامدۇر. ئىسلام سىزنى ھەقىقەتە، ئادالەتكە ۋە نۇرغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھ تائالا سىزگە ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ مۇكەممەل دىننى ئەۋەتتى. بۇ دىن سىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىدۇ. ئىختىلاپ ۋە بۆلۈنۈش ئەمەس، بەلكى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىسلامنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلماڭلار، چۈنكى ھېساب ئىنتايىن تېز بولىدۇ. ئىسلامنى قوبۇل قىلىڭلار، ھەقىقەتكە ئەگىشىڭلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىڭلار. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن.
إِنَّ ٱلدِّينَ عِندَ ٱللَّهِ ٱلۡإِسۡلَٰمُۗ وَمَا ٱخۡتَلَفَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّا مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَهُمُ ٱلۡعِلۡمُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ ١٩
ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى)، كىمكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 17-21 — آل عمران سۈرىسى
17 الصَّابِرِينَ وَالصَّادِقِينَ وَالْقَانِتِينَ وَالْمُنفِقِينَ وَالْمُسْتَغْفِرِينَ بِالْأَسْحَارِ
ئۇلار (يەنى تەقۋادارلار) سەۋر قىلغۇچىلاردۇر، راستچىللاردۇر، (اﷲ قا) ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، (ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل - ماللىرىنى) سەرپ قىلغۇچىلاردۇر ۋە سەھەرلەردە ئىستىغپار ئېيتقۇچىلاردۇر
18 شَهِدَ اللَّهُ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ وَالْمَلَائِكَةُ وَأُولُو الْعِلْمِ قَائِمًا بِالْقِسْطِ ۚ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
اﷲ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
19 إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ ۗ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِن بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۗ وَمَن يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى)، كىمكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر
20 فَإِنْ حَاجُّوكَ فَقُلْ أَسْلَمْتُ وَجْهِيَ لِلَّهِ وَمَنِ اتَّبَعَنِ ۗ وَقُل لِّلَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْأُمِّيِّينَ أَأَسْلَمْتُمْ ۚ فَإِنْ أَسْلَمُوا فَقَدِ اهْتَدَوا ۖ وَّإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّمَا عَلَيْكَ الْبَلَاغُ ۗ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرەلەشسە: «ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزۈمنى اﷲ قا تاپشۇردۇم (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغۇچىمىز)» دېگىن. كىتاب بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۈممىلەرگە (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرىغا): «مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟» دېگىن، ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (ساڭا ھېچ زىيىنى يوق)، سېنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، اﷲ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
21 إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
تەرجىمە — آل عمران 19 آل عمران سۈرىسى ئايەت 19 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب…
سۈرىسى ئايەت 19/200 — آل عمران سۈرىسى آل عمران (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: آل عمران سۈرىسى ئاڭلاڭ, آل عمران سۈرىسى تەرجىمە, آل عمران سۈرىسى mp3, آل عمران سۈرىسى pdf. ئايەت 17–21. ئۇيغۇرچە: Türkçe.