Mishary Rashid Alafasy
✓
Mahmoud Khalil Al-Husary
✓
Abdurrahman As-Sudais
✓
Mohamed Siddiq Al-Minshawi
✓
Abdul Basit Abdul Samad
✓
Ali Al-Hudhaify
✓
Ahmed ibn Ali al-Ajamy
✓
Abu Bakr Ash-Shaatree
✓
Muhammad Ayyoub
✓
Abdullah Basfar
✓
Abdullah Al-Juhani
✓
Maher Al Muaiqly
✓
تەرجىمە — Tafsir
ئايەتتىكى مەنىسى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر:
- اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ: ئاللاھ تەعالانىڭ ئەرش ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە يۇقىرى بولۇشى ۋە ئورنىلىشىشى. بۇنىڭ ماھىيىتىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، بىز ئۇنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشىتىشقا ئۇرۇنمايمىز.
- وَلِيٍّ: ياردەمچى، ھۆددىگە ئالغۇچى، ئىشلارنى باشقۇرۇپ بېرىدىغان يېقىن دوست.
- شَفِيعٍ: شاپائەت قىلغۇچى، يەنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا باشقىلار ئۈچۈن ئارىلىقچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن سۆز قىلغۇچى.
ئايەتنىڭ تەپسىرى:
ئاللاھ تەعالا ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاللاھنىڭ بۇنداق يارىتىشقا ئالتە كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشى ئۇنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلگەن بىر ھېكمەت ئۈچۈندۇر. ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تېز ۋاقىتتا «بول» دېگەن سۆزى بىلەنلا ھەممىنى يارىتالايدۇ. ئاندىن ئاللاھ تەعالا ئەرش ئۈستىدە ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە جەلالىغا لايىق رەۋىشتە يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ قانداقلىقىنى بىز چۈشەندۈرۈشكە ۋە مەخلۇقلارنىڭ ئورنىلىشىشىغا ئوخشىتىشقا ئۇرۇنمايمىز، چۈنكى ئاللاھ ھېچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنى قويۇپ سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى ھۆددىگە ئالىدىغان ۋە ياردەم بېرىدىغان بىرەر يېقىن دوستىڭلار يوق. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەر ئۈچۈن شاپائەت قىلىپ، ئارىلىقچى بولىدىغان بىرەر شاپائەتچىمۇ يوق. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلساڭلار، سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن قوغدايدىغان ۋە قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق. ئەمدى سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ ئېنىق دەلىللىرى ۋە ۋەز-نەسىھەتلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ سىلەرنى يارىتىپ، سىلەرگە تۈرلۈك نېئمەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسلىگە ئېلىپ، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماسلىقىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟
📜 ئايەت 2-6 — سجدہ سۈرىسى
تەرجىمە — سجدہ 4
سجدہ سۈرىسى ئايەت 4 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : اﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى،…سۈرىسى ئايەت 4/30 — سجدہ سۈرىسى السجدة (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: سجدہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, سجدہ سۈرىسى تەرجىمە, سجدہ سۈرىسى mp3, سجدہ سۈرىسى pdf. ئايەت 2–6. ئۇيغۇرچە: Türkçe.
سۈرىسى سجدہ
قۇرئان كەرىم
Monday, September 28, 2026
Don't forget us in your sincere prayers


