إِنَّ اللَّهَ عِندَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَّاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ ٣٤
🔤 Transliteration
Innal laaha `indahoo `ilmus saa`ati wa yunazzilul ghaisa wa ya`lamu maa fil arhaami wa maa tadree nafsum maazaa takisbu ghadaa; wa maa tadree nafsum bi ayyi ardin tamoot; innal laaha `Aleemun Khabeer
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر. اﷲ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) اﷲ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: السَّاعَة: قىيامەت ۋاقتى. الْغَيْث: يامغۇر. الْأَرْحَام: بالىياتقۇلار (ئانىلارنىڭ قورسىقى ). تَدْرِي: بىلەلمەيدۇ. تَكْسِب: قىلغان ئەمەلى، تاپقان نەرسىسى. خَبِير: ھەممە ئىشنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتلىرىنى بىلگۈچى. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. يامغۇرنىمۇ ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ياغدۇرىدۇ، بۇنىڭغا ھېچقانداق مەخلۇق كۈچى يەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئانىلارنىڭ قورسىقىدىكى بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىنى، بەختلىك ياكى بەختسىز ئىكەنلىكىنى ۋە باشقا ھەممە ئەھۋالىنى بىلىدۇ. ھېچقانداق جان ئەتە قىلغان ئەمەلىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. شۇنداقلا ھېچقانداق جان ئۆزىنىڭ قايسى زېمىندا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھەممە ئىشنىڭ ئىچكى-تاشقى جەھەتلىرىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇنىڭغا ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
ئى ئىنسان! بۇ ئايەت ساڭا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ئىلمىنى ۋە قۇدرىتىنى تونۇتۇپ بېرىدۇ. سەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، ئەمما ئاللاھ تائالا ھەممىسىنى بىلىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇنىڭغا يۆلەنسەڭ، قەلبىڭ خاتىرجەم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتى بىلەن ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغان، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىدىغان بەندىلىرىدىن قىلسۇن.
إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥ عِلۡمُ ٱلسَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ ٱلۡغَيۡثَ وَيَعۡلَمُ مَا فِي ٱلۡأَرۡحَامِۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسٌ مَّاذَا تَكۡسِبُ غَدًاۖ وَمَا تَدۡرِي نَفۡسُۢ بِأَيِّ أَرۡضٍ تَمُوتُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرُۢ ٣٤
قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر. اﷲ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) اﷲ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 32-34 — لقمان سۈرىسى
32 وَإِذَا غَشِيَهُم مَّوْجٌ كَالظُّلَلِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ فَمِنْهُم مُّقْتَصِدٌ ۚ وَمَا يَجْحَدُ بِآيَاتِنَا إِلَّا كُلُّ خَتَّارٍ كَفُورٍ
(دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن اﷲ قا ئىلتىجا قىلىدۇ، اﷲ ئۇلارنى (دېڭىز خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى پەقەت خىيانەتكار (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىدىن تانغان) ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ
33 يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَّا يَجْزِي وَالِدٌ عَن وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَن وَالِدِهِ شَيْئًا ۚ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِاللَّهِ الْغَرُورُ
ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلارغا (بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلاردىن چەكلىنىش بىلەن) تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۇنداق بىر كۈندىن قورقۇڭلاركى، (ئۇ كۈندە) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ، اﷲ نىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى مەغرۇر قىلمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى اﷲ نىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن مەغرۇر قىلىشىغا يول قويماڭلار
34 إِنَّ اللَّهَ عِندَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَّاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر. اﷲ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) اﷲ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى - يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر
تەرجىمە — لقمان 34 لقمان سۈرىسى ئايەت 34 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر.…
سۈرىسى ئايەت 34/34 — لقمان سۈرىسى لقمان (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: لقمان سۈرىسى ئاڭلاڭ, لقمان سۈرىسى تەرجىمە, لقمان سۈرىسى mp3, لقمان سۈرىسى pdf. ئايەت 32–34. ئۇيغۇرچە: Türkçe.