إِن تَسْتَفْتِحُوا فَقَدْ جَاءَكُمُ الْفَتْحُ ۖ وَإِن تَنتَهُوا فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَإِن تَعُودُوا نَعُدْ وَلَن تُغْنِيَ عَنكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْئًا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ١٩
🔤 Transliteration
In tastaftihoo faqad jaaa`akumul fathu wa in tantahoo fahuwa khairul lakum wa in ta`oodoo na`ud wa lan tughniya `ankum fi`atukum shai`anw wa law kasurat wa annal laaha ma`al mu`mineen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر
🌐 Additional reference in Türkçe
1) ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: تَسْتَفْتِحُوا: سورايسىلەر، ياردەم تىلەيسىلەر، غەلىبە تىلەيسىلەر.الْفَتْحُ: غەلىبە، نۇسرەت، ھۆكۈم.تَنْتَهُوا: ئەگەر توختىساڭلار، ئەگەر يانساڭلار (كۇفرىدىن ۋە ئۇرۇشتىن ).نَعُدْ: بىز قايتىمىز (ياردەم بېرىش ۋە غەلىبە بېرىش بىلەن ).فِئَتُكُمْ: جامائىتىڭلار، گۇرۇھۇڭلار، قوشۇنۇڭلار.تُغْنِيَ: پايدا بېرىدۇ، ئاسقايدۇ، ئورنىنى تولدۇرىدۇ.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئاللاھدىن غەلىبە ۋە ياردەم تىلەپ، «ئى ئاللاھ! بىز بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئارىسىدا ھەقلىق تەرەپنى غەلىبە قىلغىن» دەپ دۇئا قىلغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلدى. ئەمدى ھەقىقەت ئاشكارا بولدى: ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەلىبە ئاتا قىلدى، سىلەر بولسا بەدرىدە مەغلۇپ بولدۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەسلىدە ئىبرەت ۋە ئەگەشكۈچىلەر ئۈچۈن ھۆججەت بولدى.
ئەگەر سىلەر كۇفرىدىن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن توختىساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىدۇ. ئەمما ئەگەر سىلەر يەنە ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىككە قايتساڭلار، بىز ھەم سىلەرگە قارشى ياردەم بېرىش ۋە مۇئمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇشقا قايتىمىز. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، سىلەرنىڭ جامائىتىڭلار ۋە قوشۇنۇڭلار قانچىلىك كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى تۇرالمايدۇ ۋە سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ياردەم ۋە نۇسرەت بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھ بىلەن بىرگە بولسا، ئۇ ھەرگىز مەغلۇپ بولمايدۇ.
ئى ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ھەقىقەت ھەر قانداق كۈچتىن ئۈستۈن. ئاللاھ مۇئمىنلەر بىلەن بىرگە، ئۇلار ئاز بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن غەلىبە قازىنىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىڭلار، تەۋبە قىلىڭلار، ھەقىقەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىمان بىلەن ياشاشنى نېسىپ قىلسۇن.
إِن تَسۡتَفۡتِحُواْ فَقَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡفَتۡحُۖ وَإِن تَنتَهُواْ فَهُوَ خَيۡرٌ لَّكُمۡۖ وَإِن تَعُودُواْ نَعُدۡ وَلَن تُغۡنِيَ عَنكُمۡ فِئَتُكُمۡ شَيۡـًٔا وَلَوۡ كَثُرَتۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ١٩
(ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 17-21 — انفال سۈرىسى
17 فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ قَتَلَهُمْ ۚ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ رَمَىٰ ۚ وَلِيُبْلِيَ الْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَاءً حَسَنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
(ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) اﷲ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) اﷲ ئاتتى. (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
18 ذَٰلِكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ مُوهِنُ كَيْدِ الْكَافِرِينَ
بۇ (اﷲ نىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر). اﷲ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر
19 إِن تَسْتَفْتِحُوا فَقَدْ جَاءَكُمُ الْفَتْحُ ۖ وَإِن تَنتَهُوا فَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَإِن تَعُودُوا نَعُدْ وَلَن تُغْنِيَ عَنكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْئًا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ
(ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر
20 يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَا تَوَلَّوْا عَنْهُ وَأَنتُمْ تَسْمَعُونَ
ئى مۆمىنلەر! اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار
21 وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ قَالُوا سَمِعْنَا وَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار
تەرجىمە — انفال 19 انفال سۈرىسى ئايەت 19 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە…
سۈرىسى ئايەت 19/75 — انفال سۈرىسى الأنفال (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: انفال سۈرىسى ئاڭلاڭ, انفال سۈرىسى تەرجىمە, انفال سۈرىسى mp3, انفال سۈرىسى pdf. ئايەت 17–21. ئۇيغۇرچە: Türkçe.