Mishary Rashid Alafasy
✓
Mahmoud Khalil Al-Husary
✓
Abdurrahman As-Sudais
✓
Mohamed Siddiq Al-Minshawi
✓
Abdul Basit Abdul Samad
✓
Ali Al-Hudhaify
✓
Ahmed ibn Ali al-Ajamy
✓
Abu Bakr Ash-Shaatree
✓
Muhammad Ayyoub
✓
Abdullah Basfar
✓
Abdullah Al-Juhani
✓
Maher Al Muaiqly
✓
تەرجىمە — Tafsir
- ئايەتتىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
- «هادۇ»: يەھۇدىيلار.
- «نەسارا»: ناسارالار، يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەر.
- «صابىئىين»: سابىئىيلار، ئەسلىدە «بىر دىندىن چىقىپ يەنە بىر دىنگە كىرگەن» دېگەن مەنىدە. ئۇلار ئىككى خىل: بىرى مۇشرىك، يەنە بىرى تەۋھىد ئەھلى بولۇپ، بۇ يەردە تەۋھىد ئەھلى كۆزدە تۇتۇلغان.
- «ئەجر»: مۇكاپات، ساۋاب.
- ئايەتنىڭ تەپسىرى:
شەكسىزكى، مۇئمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە سابىئىيلار ئىچىدىن كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە چىن كۆڭلىدىن ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئەجىر-مۇكاپاتى بار. ئۇلارغا كەلگۈسىدە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق، ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈنمۇ غەم-قايغۇ چەكمەيدۇ.
بۇ ئايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قارىتىلغان. ئۇلار ئىچىدە ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىپ، ياخشى ئەمەل قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەجىر بار بولۇپ، ئۇلار قورقمايدۇ ۋە غەمگىن بولمايدۇ. ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن دىنىدىن باشقا ھېچقانداق دىننى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن.
- بۇ ئايەتتىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:
- ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئىرقى، مىللىتى ۋە ئەسلى كېلىپ چىقىشىغا قاراپ ئايرىمايدۇ، بەلكى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلگە قاراپ باھالايدۇ.
- ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ھەم ياخشى ئەمەل قىلىش ھەر قانداق ئۈممەت ئۈچۈن نىجاتلىقنىڭ ئاساسىدۇر.
- ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى قورقۇنچ ۋە غەمدىن خالىي قىلىپ، روھىي تىنچلىق ۋە ئاراملىق ئاتا قىلىدۇ.
- ئاللاھنىڭ ئەجىر-مۇكاپاتى ئادالەتلىك ۋە كەڭ بولۇپ، ھەر بىر ياخشى ئەمەلگە مۇناسىپ مۇكاپات بېرىلىدۇ.
- بۇ ئايەت ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئادالەت پرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنى ئىسلامغا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەتنى ئاشۇرىدۇ.
📜 ئايەت 60-64 — بقرہ سۈرىسى
تەرجىمە — بقرہ 62
بقرہ سۈرىسى ئايەت 62 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن…سۈرىسى ئايەت 62/286 — بقرہ سۈرىسى البقرة (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: بقرہ سۈرىسى ئاڭلاڭ, بقرہ سۈرىسى تەرجىمە, بقرہ سۈرىسى mp3, بقرہ سۈرىسى pdf. ئايەت 60–64. ئۇيغۇرچە: Türkçe.
سۈرىسى بقرہ
قۇرئان كەرىم
Monday, September 28, 2026
Don't forget us in your sincere prayers


