أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِّنَ الْكِتَابِ يُدْعَوْنَ إِلَىٰ كِتَابِ اللَّهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنْهُمْ وَهُم مُّعْرِضُونَ ٢٣
🔤 Transliteration
Alam tara ilal lazeena ootoo naseebam minal Kitaabi yud`awna ilaa Kitaabil laahi liyahkuma bainahum summa yatawallaa fareequm minhum wa hum mu`ridoon
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
كىتابتن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) اﷲ نىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ھۆكىمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن)
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: نَصِيبًا: ھەسسە، ئۈلۈش، پەي. يُدْعَوْنَ: چاقىرىلىدۇ، دەۋەت قىلىنىدۇ. يَتَوَلَّى: يۈز ئۆرۈيدۇ، بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. فَرِيقٌ: بىر گۇرۇھ، بىر تەرەپ. مُعْرِضُونَ: يۈز ئۆرۈگۈچىلەر، ھەقىقەتتىن باش تارتقۇچىلار. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! سىز ئاللاھ تەرىپىدىن كىتابتىن بىر ھەسسە ئاتا قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھالىغا قارىمامسىز؟ ئۇلار تەۋراتنى بىلگەن، ھەمدە سىز ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇنىڭدا ئىشارەتلەرنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا كېلىپ چىققان ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كىتابىغا - يەنى قۇرئان كەرىمگە - چاقىرىلغاندا، ئۇلارنىڭ بىر گۇرۇھى ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئۇيغۇن كەلمىگەن ھۆكۈمدىن باش تارتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى تەۋراتقا ئەمەل قىلىمىز دەپ دەۋا قىلغان تۇرسا، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە ئەڭ ئاۋۋال بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ماس كەلمىگەن ھەر قانداق ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە ئىنساپىنىڭ تەلەپ قىلغىنىدۇر. ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەر قانداق ھۆكۈم ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئادىل ۋە ئەڭ پايدىلىقتۇر. شۇڭا بىز ھەر قانداق مەسىلىدە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتا ئىخلاسلىق بولۇشىمىز كېرەك. ئاللاھ بىزنى ھەقىقەتكە بويسۇنغۇچىلاردىن قىلسۇن، نەپسى خاھىشلارغا ئەگىشىپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردىن قىلمىسۇن.
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ نَصِيبًا مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ يُدۡعَوۡنَ إِلَىٰ كِتَٰبِ ٱللَّهِ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنۡهُمۡ وَهُم مُّعۡرِضُونَ ٢٣
كىتابتن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) اﷲ نىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ھۆكىمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن)
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 21-25 — آل عمران سۈرىسى
21 إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى اﷲ قا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
22 أُولَٰئِكَ الَّذِينَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَمَا لَهُم مِّن نَّاصِرِينَ
ئەنە شۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلغۇچى يوقتۇر
23 أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِّنَ الْكِتَابِ يُدْعَوْنَ إِلَىٰ كِتَابِ اللَّهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنْهُمْ وَهُم مُّعْرِضُونَ
كىتابتن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز ئارىسىدا (دەتالاش قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدا) اﷲ نىڭ كىتابى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشقا چاقىرىلسا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى بۇنىڭدىن (يەنى اﷲ نىڭ ھۆكىمىنى قوبۇل قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر (يەنى ھەقتىن يۈز ئۆرۈش ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن)
24 ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَن تَمَسَّنَا النَّارُ إِلَّا أَيَّامًا مَّعْدُودَاتٍ ۖ وَغَرَّهُمْ فِي دِينِهِم مَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
بۇ ئۇلارنىڭ «دوزاخ ئوتى بىزنى ساناقلىق كۈنلەرلا (يەنى موزايغا چوقۇنغان 40 كۈنلۈك ۋاقىتلا) كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكلىرى ۋە دىنىي جەھەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈندۇر
25 فَكَيْفَ إِذَا جَمَعْنَاهُمْ لِيَوْمٍ لَّا رَيْبَ فِيهِ وَوُفِّيَتْ كُلُّ نَفْسٍ مَّا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
كېلىشى شەكسىز بولغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنى توپلايمىز، ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا (ئازابنى زىيادە قىلىۋېتىش ياكى ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن) زۇلۇم قىلىنمايدىغان شۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟
تەرجىمە — آل عمران 23 آل عمران سۈرىسى ئايەت 23 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : كىتابتن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلىمالىرى) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئۆز…
سۈرىسى ئايەت 23/200 — آل عمران سۈرىسى آل عمران (Medinan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: آل عمران سۈرىسى ئاڭلاڭ, آل عمران سۈرىسى تەرجىمە, آل عمران سۈرىسى mp3, آل عمران سۈرىسى pdf. ئايەت 21–25. ئۇيغۇرچە: Türkçe.