أَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا وَهُوَ الَّذِي أَنزَلَ إِلَيْكُمُ الْكِتَابَ مُفَصَّلًا ۚ وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُ مُنَزَّلٌ مِّن رَّبِّكَ بِالْحَقِّ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ ١١٤
🔤 Transliteration
Afaghairal laahi abtaghee hakamanw wa Huwal lazee anzala ilaikumul Kitaaba mufassalaa; wallazeena atai naahumul Kitaaba ya`lamoona annahoo munazzalum mir Rabbika bilhaqqi falaa takoonanna minal mumtareen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) اﷲ تىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن
🌐 Additional reference in Türkçe
مەنىسى قىيىن بولغان سۆزلەر: أَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا : ئاللاھتىن باشقىنى ھۆكۈم چىقارغۇچى قىلىپ ئىزدەيمەنمۇ؟حَكَمًا : ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئارىلىقچى، قازى.مُفَصَّلًا : تەپسىلىي بايان قىلىنغان، ھەق بىلەن باتىل ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرۈلگەن.الْمُمْتَرِينَ : شەك قىلغۇچىلار، گۇمان قىلغۇچىلار.ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئېيتقىن: ئاللاھتىن باشقا بىر ھۆكۈم چىقارغۇچىنى ئىزدەيمەنمۇ؟ ئۇلار سەندىن ئۆزئارا دەۋالاشقان ئىشلاردا ھۆكۈم چىقىرىدىغان بىر قازى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا سىلەرگە قۇرئاننى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ھالدا نازىل قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ھەق بىلەن باتىل، ھالال بىلەن ھارام ئېنىق ئايرىلغان. شۇڭا ھۆكۈم چىقارغۇچى پەقەت ئاللاھتۇر.
يەھۇدىيلارغا تەۋرات، ناسارالارغا ئىنجىل بېرىلگەن ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرى ئۆز كىتابلىرىدىكى ئالامەتلەرگە قاراپ، بۇ قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ھەق بىلەن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇڭا ئى پەيغەمبەر! سەن بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىلەردە ھەرگىز شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ھاياتىمىزدا ئۇچرىغان ھەر قانداق مەسىلىدە ھۆكۈم چىقارغۇچى پەقەت ئاللاھ بولۇشى كېرەك. ئاللاھ بىزگە قۇرئاننى ئەڭ ئېنىق ۋە تەپسىلىي شەكىلدە نازىل قىلدى. بۇ قۇرئان ھەر بىر مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان يېتەرلىك ۋە مۇكەممەل كىتابتۇر. ئەگەر بىز قۇرئانغا مۇراجىئەت قىلساق، ھەر قانداق مەسىلىدە توغرا يولنى تاپالايمىز. ئاللاھ بىزنى شەكتىن ساقلىنىشقا ۋە قۇرئاننىڭ ھەقىقىيلىكىگە ئىشىنىشكە بۇيرۇيدۇ. قۇرئاننىڭ ھەقىقىيلىكىنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىمۇ ئۆز كىتابلىرىدىكى ئالامەتلەر ئارقىلىق بىلىدۇ. دېمەك، بىز قۇرئانغا ئىشىنىپ، ئۇنى ھاياتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە يېتەكچى قىلىشىمىز كېرەك.
أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ أَبۡتَغِي حَكَمًا وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ إِلَيۡكُمُ ٱلۡكِتَٰبَ مُفَصَّلًاۚ وَٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡلَمُونَ أَنَّهُۥ مُنَزَّلٌ مِّن رَّبِّكَ بِٱلۡحَقِّۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ ١١٤
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) اﷲ تىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 112-116 — انعام سۈرىسى
112 وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنسِ وَالْجِنِّ يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُورًا ۚ وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر - بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە - مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (اﷲ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)
113 وَلِتَصْغَىٰ إِلَيْهِ أَفْئِدَةُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا مَا هُم مُّقْتَرِفُونَ
ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ
114 أَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا وَهُوَ الَّذِي أَنزَلَ إِلَيْكُمُ الْكِتَابَ مُفَصَّلًا ۚ وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُ مُنَزَّلٌ مِّن رَّبِّكَ بِالْحَقِّ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) اﷲ تىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن
115 وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدْقًا وَعَدْلًا ۚ لَّا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. اﷲ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
116 وَإِن تُطِعْ أَكْثَرَ مَن فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَن سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِن يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ
تەرجىمە — انعام 114 انعام سۈرىسى ئايەت 114 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان…
سۈرىسى ئايەت 114/165 — انعام سۈرىسى الأنعام (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: انعام سۈرىسى ئاڭلاڭ, انعام سۈرىسى تەرجىمە, انعام سۈرىسى mp3, انعام سۈرىسى pdf. ئايەت 112–116. ئۇيغۇرچە: Türkçe.