وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَن تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ الْإِنسَانُ كَفُورًا ٦٧
🔤 Transliteration
Wa izaa massakumuddurru fil bahri dalla man tad`oona illaaa iyyaahu falammaa najjaakum ilal barri a`radtum; wa kaanal insaanu kafooraa
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت اﷲ لا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا اﷲ تىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، اﷲ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان - ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)
🌐 Additional reference in Türkçe
1) ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: مَسَّكُمُ الضُّرُّ: سىلەرگە بىرەر زىيان-زەخمەت يەتكەندە.ضَلَّ: يوق بولدى، ئېسىدىن كەتتى، كۆرۈنمەي قالدى.أَعْرَضْتُمْ: يۈز ئۆرۈدىڭلار، تەرك قىلدىڭلار.كَفُورًا: نېمەتكە ناھايىتى تۇزكور، شۈكۈر قىلمايدىغان.2) ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئىنسانلار دېڭىزدا سەپەر قىلىۋاتقاندا، دېڭىزنىڭ داۋۇلى چىقىپ، غەرق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرى، يالغان ئىلاھلىرى كۆز ئالدىدىن غايىب بولىدۇ. ئۇ چاغدا پەقەت يېگانە ئاللاھ تائالانىلا ئەسكە ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىلىدۇكى، بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا ئۇلارنى پەقەت ئاللاھلا قۇتقۇزالايدۇ. شۇڭا ئۇلار چىن كۆڭلىدىن ئاللاھقا يالبارىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ، ساغ-سالامەت قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا، ئۇلار ئاللاھنى بىرلەپ تونۇشنى، ئۇنىڭغا خالىس ئىبادەت قىلىشنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى تەرك قىلىپ، يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا قايتىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ نېمەتكە تۇزكورلۇقى ۋە ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئاساسەن نېمەتكە تۇزكور بولۇپ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئاللاھقا يالبارىدۇ، خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بولسا ئۇنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
3) دەۋەت ۋە ئىبرەت: بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، ئىنسان بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئاجىزلىقىنى ھېس قىلغاندا، پەقەت ئاللاھ تائالانىلا ھەقىقىي ياردەمچى ۋە قۇتقۇزغۇچى دەپ بىلىدۇ. لېكىن خەۋپ-خەتەردىن قۇتۇلۇپ، تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشكەندە، بەزى كىشىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشنى تەرك قىلىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە ناھايىتى تۇزكورلۇقتۇر. شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت، بولۇپمۇ خەۋپ-خەتەر ۋاقتىدا ۋە تىنچ-ئامانلىق ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالانى ئەسكە ئېلىپ، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشىمىز، ئۇنىڭغا خالىس ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالا بىزنى ھەر قانداق خەۋپ-خەتەردىن ساقلىسۇن ۋە بىزنى شۈكۈر قىلغۇچى بەندىلەردىن قىلسۇن.
وَإِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فِي ٱلۡبَحۡرِ ضَلَّ مَن تَدۡعُونَ إِلَّآ إِيَّاهُۖ فَلَمَّا نَجَّىٰكُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ أَعۡرَضۡتُمۡۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ كَفُورًا ٦٧
سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت اﷲ لا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا اﷲ تىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، اﷲ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان - ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 65-69 — اسراء سۈرىسى
65 إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ ۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلًا
شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر»
66 رَّبُّكُمُ الَّذِي يُزْجِي لَكُمُ الْفُلْكَ فِي الْبَحْرِ لِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
67 وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَن تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ الْإِنسَانُ كَفُورًا
سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت اﷲ لا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا اﷲ تىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، اﷲ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان - ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)
68 أَفَأَمِنتُمْ أَن يَخْسِفَ بِكُمْ جَانِبَ الْبَرِّ أَوْ يُرْسِلَ عَلَيْكُمْ حَاصِبًا ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ وَكِيلًا
(دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن) اﷲ نىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن، ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان) ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
69 أَمْ أَمِنتُمْ أَن يُعِيدَكُمْ فِيهِ تَارَةً أُخْرَىٰ فَيُرْسِلَ عَلَيْكُمْ قَاصِفًا مِّنَ الرِّيحِ فَيُغْرِقَكُم بِمَا كَفَرْتُمْ ۙ ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ عَلَيْنَا بِهِ تَبِيعًا
ياكى اﷲ نىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ (دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا) قارا بوران چىقىرىپ، كۈفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟
تەرجىمە — اسراء 67 اسراء سۈرىسى ئايەت 67 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار…
سۈرىسى ئايەت 67/111 — اسراء سۈرىسى الإسراء (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: اسراء سۈرىسى ئاڭلاڭ, اسراء سۈرىسى تەرجىمە, اسراء سۈرىسى mp3, اسراء سۈرىسى pdf. ئايەت 65–69. ئۇيغۇرچە: Türkçe.