قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ ۚ وَمَا أَنفَقْتُم مِّن شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ ٣٩
🔤 Transliteration
Qul inna Rabbee yabsutur rizqa limai yashaaa`u min `ibaadihee wa yaqdiru lah; wa maaa anfaqtum min shai`in fahuwa yukhlifuhoo wa Huwa khairur raaziqeen
📖 تەرجىمە (ئۇيغۇرچە)
📖 ئۇيغۇرچە
ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (اﷲ نىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى اﷲ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»
🌐 Additional reference in Türkçe
ئايەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە موھتاج سۆزلەر: يَبْسُطُ: كەڭ قىلىدۇ، مول قىلىدۇ. يَقْدِرُ: تار قىلىدۇ، ئاز قىلىدۇ. يُخْلِفُهُ: ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ، ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. خَيْرُ الرَّازِقِينَ: رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى. ئايەتنىڭ تەپسىرى: ئى پەيغەمبەر، بۇ دۇنيا بايلىقى ۋە بالىلىرى بىلەن مەغرۇر بولغان كىشىلەرگە ئېيتقىن: شەكسىزكى مېنىڭ رەببىم بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە رىزىقنى كەڭ قىلىپ بېرىدۇ، خالىغان كىشىگە تار قىلىپ بېرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ھېكمىتىگە ئاساسەن بولىدۇ. سىلەر ئاللاھ يولىدا نېمىنى ئىنپاق قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. دۇنيادا ئۇنىڭدىن ياخشىراق نەرسە بېرىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. شۇڭا رىزىق تىلىسەڭلار، پەقەت ئۇنىڭدىن تىلەڭلار ۋە ئۇ بۇيرۇغان سەۋەبلەرگە ئەمەل قىلىڭلار.
بۇ ئايەت بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، رىزىقنىڭ كەڭ ياكى تار بولۇشى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە باغلىق. بىز ئاللاھ يولىدا بەرگەن ھەر بىر نەرسىمىزنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىدۇر. شۇڭا ئاللاھ يولىدا ئىنپاق قىلىشتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك. ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر، ئۇنىڭ رىزىقى ھېچقاچان تۈگىمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا بەرگەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭدىن ياخشىراق نەرسە بېرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلەرگە بولغان مەرھەمىتى ۋە ئىلتىپاتىدۇر.
قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥۚ وَمَآ أَنفَقۡتُم مِّن شَيۡءٍ فَهُوَ يُخۡلِفُهُۥۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ ٣٩
ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (اﷲ نىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى اﷲ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»
🖼️ Save Image
🎬 Save Video
📜 ئايەت 37-41 — سبا سۈرىسى
37 وَمَا أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُم بِالَّتِي تُقَرِّبُكُمْ عِندَنَا زُلْفَىٰ إِلَّا مَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَٰئِكَ لَهُمْ جَزَاءُ الضِّعْفِ بِمَا عَمِلُوا وَهُمْ فِي الْغُرُفَاتِ آمِنُونَ
ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى بىزگە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، ئۇلار (جەننەتنىڭ) ئېسىل ئۆيلىرىدە (ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تۇرىدۇ
38 وَالَّذِينَ يَسْعَوْنَ فِي آيَاتِنَا مُعَاجِزِينَ أُولَٰئِكَ فِي الْعَذَابِ مُحْضَرُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار ئازابقا دۇچار قىلىنغۇچىلاردۇر
39 قُلْ إِنَّ رَبِّي يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ وَيَقْدِرُ لَهُ ۚ وَمَا أَنفَقْتُم مِّن شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى كەڭ قىلىدۇ، (قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىشنى خالىسا ئۇنى) تار قىلىدۇ، (اﷲ نىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى اﷲ تولدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر»
40 وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَائِكَةِ أَهَٰؤُلَاءِ إِيَّاكُمْ كَانُوا يَعْبُدُونَ
ئۇ كۈندە اﷲ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ
41 قَالُوا سُبْحَانَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِم ۖ بَلْ كَانُوا يَعْبُدُونَ الْجِنَّ ۖ أَكْثَرُهُم بِهِم مُّؤْمِنُونَ
ئۇلار ئېيتىدۇ: «سەن پاكتۇرسەن، بىزنىڭ دوستىمىز ئۇلار ئەمەس، سەن. (ئۇلار بىزگە چوقۇنمايتتى) بەلكى جىنغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنغا ئىمان كەلتۈرەتتى»
تەرجىمە — سبا 39 سبا سۈرىسى ئايەت 39 - ئوقۇش, ئاڭلاڭ, تەرجىمە, ئۇيغۇرچە : ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن، پەرۋەردىگارىم قايسى بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشنى خالىسا ئۇنى…
سۈرىسى ئايەت 39/54 — سبا سۈرىسى سبأ (Meccan). ئوقۇش ئاڭلاڭ تەرجىمە (ئۇيغۇرچە). ئاڭلاڭ: سبا سۈرىسى ئاڭلاڭ, سبا سۈرىسى تەرجىمە, سبا سۈرىسى mp3, سبا سۈرىسى pdf. ئايەت 37–41. ئۇيغۇرچە: Türkçe.