La sourate As-Saaffat en Ouïghour
سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى |
سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى |
سەپ - سەپ بولۇپ تۇرغان، دۈشمەنلەرگە قارشى ئات سېلىپ تۇرغان، (اﷲ تىن مەدەت تىلەپ) كالامۇاﷲ نى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغان (غازات قىلغۇچى) قوشۇن بىلەن قەسەمكى |
سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار شەك - شۈبھىسىز بىر ئىلاھتۇر |
رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَرَبُّ الْمَشَارِقِ(5) (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ۋە مەشرىقلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر |
إِنَّا زَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِزِينَةٍ الْكَوَاكِبِ(6) بىز ھەقىقەتەن يېقىن ئاسماننى يۇلتۇزلار (نۇرى) بىلەن زىننەتلىدۇق |
اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى ھەر بىر شەيتاندىن ئۇنى قوغدىدۇق |
لَّا يَسَّمَّعُونَ إِلَى الْمَلَإِ الْأَعْلَىٰ وَيُقْذَفُونَ مِن كُلِّ جَانِبٍ(8) ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ |
ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ (سۆزلىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئاڭلىيالمايدۇ، ئۇلار، قوغلىنىشى ئۈچۈن، ھەر تەرەپتىن، ئاققۇچى يۇلتۇزلار بىلەن ئېتىلىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) دائىملىق ئازابقا قالىدۇ |
إِلَّا مَنْ خَطِفَ الْخَطْفَةَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ ثَاقِبٌ(10) لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىدىن) ئوغرىلىقچە بىر نەرسە ئاڭلىغان شەيتاننى يورۇق يۇلتۇز قوغلاپ (كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ) |
فَاسْتَفْتِهِمْ أَهُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَم مَّنْ خَلَقْنَا ۚ إِنَّا خَلَقْنَاهُم مِّن طِينٍ لَّازِبٍ(11) ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ يا بىزنىڭ ياراتقانلىرىمىز (يەنى ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرىشتىلەر ۋە چوڭ مەخلۇقاتلار) نى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق |
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن بەلكى ئەجەبلىنەرسەن. ئۇلار بولسا سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ |
ئۇلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (ۋەز - نەسىھەتنى) قوبۇل قىلمايدۇ |
ئۇلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسە مەسخىرە قىلىشىدۇ |
ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ |
أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ(16) ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ |
ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر، بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن راستلا تىرىلەمدۇق؟ بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىرىمىزمۇ تىرىلەمدۇ؟» دەيدۇ |
ئېيتقىنكى، «ھەئە، سىلەر خار ھالدا تىرىلىسىلەر» |
فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ فَإِذَا هُمْ يَنظُرُونَ(19) بىر ئاۋازنى (يەنى ئىسراپىلنىڭ چالغان سۇرىنى) ئاڭلاش بىلەنلا (مەھشەرگاھقا) ھازىر بولۇپ (ئۆزلىرىگە نېمە قىلىنىدىغانلىقىغا) قارىشىپ تۇرىدۇ |
ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزگە بۇ قىيامەت كۈنىدۇر» دەيدۇ |
هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ الَّذِي كُنتُم بِهِ تُكَذِّبُونَ(21) بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان (ھەق بىلەن باتىل) ئايرىلىدىغان كۈندۇر |
۞ احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ(22) (اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار |
مِن دُونِ اللَّهِ فَاهْدُوهُمْ إِلَىٰ صِرَاطِ الْجَحِيمِ(23) (اﷲ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار |
ئۇلارنى توختىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇلار (جىمى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىدىن) سوئال - سوراق قىلىنىدۇ |
(ئاندىن) ئۇلارغا: «نېمىشقا (دۇنيادىكى ھالىتىڭلارغا ئوخشاش) بىر - بىرىڭلارغا ياردەم قىلمايسىلەر؟» (دېيىلىدۇ) |
بەلكى ئۇلار بۈگۈن بويسۇنغۇچىلاردۇر |
ئۇلار بىر - بىرىگە قاراپ مۇنازىرىلىشىدۇ |
ئەگەشكۈچىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە: «سىلەر (سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) قەسەم ئىچىپ بىزنى ئىماندىن توسۇيتتۇڭلار» دەيدۇ |
(ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە) ئېيتىدۇ: «سىلەر (ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن) مۆمىن بولمىدىڭلار |
وَمَا كَانَ لَنَا عَلَيْكُم مِّن سُلْطَانٍ ۖ بَلْ كُنتُمْ قَوْمًا طَاغِينَ(30) بىزنىڭ سىلەرنى (بىزگە ئەگىشىشكە) زورلايدىغان كۈچىمىز يوق ئىدى، بەلكى سىلەر (بىزگە ئوخشاش) ئازغان قەۋم ئىدىڭلار |
پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى (جازالاش) سۆزى بىزگە تېگىشلىك بولدى. بىز ھەقىقەتەن (شۇ سۆز بويىچە ئازابنى) چوقۇم تېتىغۇچىمىز |
سىلەرنى بىز ئازدۇردۇق، چۈنكى بىز ھەقىقەتەن ئازغان ئىدۇق» |
ئۇلار (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر) بۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئازابتا ئورتاقتۇر |
بىز ھەقىقەتەن گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق قىلىمىز، (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئازاب قىلىمىز) |
إِنَّهُمْ كَانُوا إِذَا قِيلَ لَهُمْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ يَسْتَكْبِرُونَ(35) ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىدىكى، ئۇلارغا: «بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» (دەڭلار) دېيىلسە، (كەلىمە تەۋھىدتىن) تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى |
وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُو آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَّجْنُونٍ(36) ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى |
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش ئۇلارنىڭ بوھتان قىلغىنىدەك ئەمەس)، ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ھەق (دىن) نى ئېلىپ كەلدى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تەستىق قىلدى |
(ئى گۇناھكارلار!) سىلەر (چوقۇم) قاتتىق ئازابنى تېتىغۇچىسىلەر |
سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر |
پەقەت اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرىلا جازاغا تارتىلمايدۇ |
ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ |
ئۇلار مەلۇم رىزىقتىن (يەنى تۈرلۈك مېۋىلەردىن) بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار ھۈرمەتلىنىدۇ |
ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ |
ئۇلار نازۇنېمەتلىك باغلاردا، تەختلەر ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ |
ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ |
ئۇلارغا ئېقىپ تۇرغان، ئاپئاق، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان شارابلاردىن تولدۇرۇلغان جاملار ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ |
ئۇنىڭدا مەست قىلىدىغان نەرسە يوق، ئۇلار ئۇنى ئىچىش بىلەن مەست بولمايدۇ |
ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ |
ئۇلار (ئاقلىقتا) گويا قول تەگمەي ساقلانغان تۆگىقۇشنىڭ تۇخۇملىرىغا ئوخشايدۇ |
ئۇلار (يەنى ئەھلى جەننەت) بىر - بىرىگە قارىشىپ پاراڭ سېلىشىدۇ |
ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) 'سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن |
ئۇلاردىن بىرى ئېيتىدۇ: «مېنىڭ بىر دوستۇم بولۇپ، ئۇ (ماڭا) 'سەن (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) ھەقىقىي ئىشىنەمسەن |
أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَدِينُونَ(53) بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا بىز چوقۇم (قىلمىشلىرىمىزدىن) ھېساب بېرەمدۇق؟' دەيتتى» |
ئۇ (بۇرادەرلىرىگە): «سىلەر ئۇنى (يەنى دوستۇمنى) كۆرەمسىلەر؟» دەيدۇ |
ئۇ قاراپلا ئۇنى (يەنى كاپىر دوستىنى) دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىدۇ |
ئۇ (يەنى مۆمىن) ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، مېنى (ئازدۇرۇپ) ھالاك قىلغىلى تاس قېلىپتىكەنسەن |
ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ (مېنى ئىمانىمدا مۇستەھكەم قىلىشتىن ئىبارەت) مەرھەمىتى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە مەن (سەن بىلەن بىللە دوزاخقا) ھازىر قىلىنغانلاردىن بولاتتىم |
تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق |
إِلَّا مَوْتَتَنَا الْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ(59) تۇنجى ئۆلگىنىمىزدىن باشقا ئۆلمەمدۇق؟ ئازابقا دۇچار بولمامدۇق |
بۇ (يەنى ئەھلى جەننەت ئېرىشكەن نېمەت) ھەقىقەتەن زور بەختتۇر |
ئىشلىگۈچىلەر مۇشۇنداق زور بەختكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىسۇن» |
بۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى) ياخشى زىياپەتمۇ؟ ياكى زەققۇم دەرىخىمۇ؟ |
زەققۇمنى بىز زالىملار (يەنى گۇمراھلار) ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) ئازاب قىلدۇق |
شۈبھىسىزكى، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغان دەرەختۇر |
ئۇنىڭ مېۋىسى گويا شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدۇ |
فَإِنَّهُمْ لَآكِلُونَ مِنْهَا فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ(66) ئۇلار شۈبھىسىز شۇ مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن قورساقلىرىنى تويغۇزىدۇ |
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىگە (يىرىڭ بىلەن) قايناقسۇنىڭ ئارىلاشتۇرمىسىنى ئىچىدۇ |
ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىدىغان جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ |
ئۇلار ھەقىقەتەن ئاتا - بوۋىلىرىنى گۇمراھ بىلدى |
ئۇلار ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزلىرىدىن يۈگۈردى |
ئۇلاردىن ئىلگىرى بۇرۇنقىلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) نىڭ تولىسى ھەقىقەتەن ئازدى |
بىز ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق |
ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن |
لېكىن اﷲ نىڭ سادىق بەندىلىرى (ئازابتىن قۇتۇلدى) |
نۇھ ھەقىقەتەن بىزگە ئىلتىجا قىلدى. بىز (ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى) نېمىدېگەن ياخشى قوبۇل قىلغۇچىدۇرمىز! |
بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوڭ غەمدىن (يەنى سۇدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق |
ئۇنىڭ نەسلىنى باقىي قالدۇردۇق |
كېيىنكىلەر (يەنى كېيىنكى ئەۋلادلار) ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق |
خالايىقلار نۇھقا سالام يوللايدۇ |
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز |
ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى |
ئاندىن بىز باشقىلارنى (يەنى نۇھ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنى سۇدا) غەرق قىلدۇق |
ئىبراھىممۇ ھەقىقەتەن نۇھنىڭ دىنىغا تەۋەلەردىن ئىدى |
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا ساغلام (يەنى مۇشرىكلىكتىن، شەكتىن پاك) دىل بىلەن كەلگەن ئىدى |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسى (ئازەر) گە ۋە قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەپ) ئېيتتى: «سىلەر نېمىگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر؟ |
سىلەر اﷲ نى قويۇپ يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ |
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان (اﷲ قا) نېمىشقا گۇمان قىلىسىلەر؟» |
ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى |
ئۇ يۇلتۇزلارغا قارىدى، ئاندىن: «مەن ھەقىقەتەن كېسەل بولۇپ قالىمەن» دېدى |
ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئايرىلىشتى (يەنى ئۇنى تاشلاپ كېتىشتى) |
ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى |
ئىبراھىم ئاستا ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ: «(مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن، بۇ تاماقتىن) يېمەمسىلەر؟ نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟» دېدى |
ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ ئوڭ قولى بىلەن ئۇرۇپ پاچاقلاشقا كىرىشتى |
ئۇلار (يەنى قەۋمى) ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئالدىراپ - سالدىراپ كېلىپ: «بىز ئۇلارغا چوقۇنۇۋاتساق، سەن ئۇلارنى چېقىپ تاشلامسەن؟» دېدى |
ئىبراھىم ئېيتتى: «(ئۆزۈڭلار) ئويۇپ ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنامسىلەر؟ |
ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياسىغان نەرسەڭلارنى اﷲ ياراتقاندۇر» |
قَالُوا ابْنُوا لَهُ بُنْيَانًا فَأَلْقُوهُ فِي الْجَحِيمِ(97) ئۇلار: «ئىبراھىم ئۈچۈن بىر بىنا سېلىڭلار، (ئۇنى ئوتۇن بىلەن تولدۇرۇپ ئوت يېقىڭلار، ئوت يانغاندا) ئۇنى ئوتقا تاشلاڭلار» دېدى. (ئۇلار ئىبراھىمنى ئوتقا تاشلاش بىلەن) ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى |
بىز (ئىبراھىمنى ئوتتىن سالامەت قۇتقۇزۇش بىلەن) ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق |
ئىبراھىم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى بۇيرۇغان جايغا ھىجرەت قىلىمەن، ئۇ مېنى يېتەكلەيدۇ |
پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن» |
بىز ئىبراھىمغا ناھايىتى مۇلايىم بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق |
ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئىش - كۈشلىرىگە يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئىبراھىم: «ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشقا (ئەمر قىلىنىپ) چۈشەپتىمەن (پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ھەقىقەتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى اﷲ نىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ)، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟» دېدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن» |
ئىككىسى (اﷲ نىڭ ئەمرىگە) بويسۇندى، ئىبراھىم ئۇنى (يەنى ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن) يېنى ياتقۇزدى |
بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز |
قَدْ صَدَّقْتَ الرُّؤْيَا ۚ إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ(105) بىز ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! (ھېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ)» دەپ نىدا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز |
بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر |
بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق |
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ياخشى نام قالدۇردۇق |
ئىبراھىمغا سالام بولسۇن! |
بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز |
ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر |
وَبَشَّرْنَاهُ بِإِسْحَاقَ نَبِيًّا مِّنَ الصَّالِحِينَ(112) ئۇنىڭغا بىز پەيغەمبەر بولىدىغان ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاق بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق |
ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا (دىننىڭ ۋە دۇنيانىڭ) بەرىكەتلىرىنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارمۇ، (گۇناھ ۋە كۇفرى بىلەن) ئۆزىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ چىقىدۇ |
بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا (پەيغەمبەرلىك بىلەن) ئېھسان قىلدۇق |
وَنَجَّيْنَاهُمَا وَقَوْمَهُمَا مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ(115) ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) چوڭ غەمدىن (يەنى پىرئەۋننىڭ ئۇلارنى قۇل قىلىشىدىن) خالاس تاپقۇزدۇق |
بىز ئۇلارغا ياردەم بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار غەلىبە قىلدى |
ئۇلارغا روشەن بىر كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) بەردۇق |
ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق |
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇلارغا ياخشى نام قالدۇردۇق |
مۇساغا ۋە ھارۇنغا (بىزدىن) سالام بولسۇن! |
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز |
ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر |
ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟ |
سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (اﷲ نى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) گە چوقۇنامسىلەر؟ |
اﷲ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» |
ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ |
پەقەت اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا |
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق |
ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن! |
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز |
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر |
لۇت ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر |
ئۆز ۋاقتىدا لۇتنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق |
پەقەت موماي (يەنى لۇتنىڭ ئايالى) نى قالدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق |
ئاندىن قالغانلارنى (يەنى ئۇنىڭ قەۋمىدىن بولغان كۇففارلارنى) ھالاك قىلدۇق |
(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ |
(ئى ئەھلى مەككە!) سىلەر ئۇلارنىڭ يەرلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۆتۈپ تۇرىسىلەر، سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟ |
يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى |
(كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى) |
ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى |
ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى |
ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى |
ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى |
ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق |
ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق |
(ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق |
فَاسْتَفْتِهِمْ أَلِرَبِّكَ الْبَنَاتُ وَلَهُمُ الْبَنُونَ(149) (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە) دىن سوراپ باققىنكى، قىزلار پەرۋەردىگارىڭغا، ئوغۇللار ئۇلارغا مەنسۇپمۇ؟ |
أَمْ خَلَقْنَا الْمَلَائِكَةَ إِنَاثًا وَهُمْ شَاهِدُونَ(150) ياكى بىز پەرىشتىلەرنى چىشى ياراتقان بولۇپ، ئۇلار (بىزنىڭ ياراتقانلىقىمىزنى) كۆرۈپ تۇرغانمۇ؟ (شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەمدۇ؟) |
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر |
بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغاننى توقۇپ: «اﷲ نىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر |
اﷲ ئوغۇللارنى تاللىماي، قىزلارنى تاللىغانمۇ؟ |
سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر؟ |
أَفَلَا تَذَكَّرُونَ(155) پىكىر قىلمامسىلەر؟ |
ياكى (اﷲ نىڭ بالىسى بارلىقىغا) ئېنىق پاكىتىڭلار بارمۇ؟ |
(ئەگەر سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار كىتابىڭلار (يەنى تەۋرات) نى ئېلىپ كېلىپ (ماڭا كۆرسىتىڭلار) |
ئۇلار: «اﷲ بىلەن جىنلارنىڭ ئارىسىدا قۇدا - باجىلىق بار» دەپ جۆيلۈدى. جىنلار شەك - شۈبھىسىز بىلىدۇكى، ئۇلار (يەنى شۇ سۆزنى قىلغۇچىلار) (دوزاخقا) چوقۇم ھازىر قىلىنىپ (شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ) |
اﷲ ئۇلارنىڭ (اﷲ نىڭ بالىسى بار دەپ) سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر |
لېكىن اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى اﷲ نى ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاك ئېتىقاد قىلىدۇ) |
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ |
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ |
(ئى كاپىرلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەر (اﷲ) دوزاخقا كىرىشنى (پۈتۈۋەتكەن) كىشىدىن باشقا ھېچ ئەھەدىنى ئازدۇرالمايسىلەر، سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارمۇ ئازدۇرالمايدۇ |
(پەرىشتىلەر) ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار |
بىز ھەقىقەتەن (ئىبادەتتە) سەپ تارتىپ تۇرغۇچىلارمىز |
بىز ھەقىقەتەن (اﷲ قا) تەسبىھ ئېيتقۇچىلارمىز» |
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ |
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ |
ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) ھەمىشە: «ئەگەر بىزدە بۇرۇنقىلارنىڭكىدەك (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ كىتابلىرىدەك) بىر كىتاب بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە، اﷲ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بولاتتۇق» دەيدۇ |
ئۇلار ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلىشتى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ |
وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ(171) بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان |
ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر |
بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر |
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) دىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن |
ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ |
ئۇلار ئازابىمىزنىڭ بالدۇر نازىل بولۇشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ |
فَإِذَا نَزَلَ بِسَاحَتِهِمْ فَسَاءَ صَبَاحُ الْمُنذَرِينَ(177) ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان! |
ئۇلاردىن ۋاقىتلىق يۈز ئۆرۈپ تۇرغىن |
ئۇلارنى (ئۇلارغا ئازاب نازىل بولغان چاغدا) كۆرگىن، ئۇلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۆرىدۇ |
قۇدرەت ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن پاكتۇر |
پەيغەمبەرلەرگە سالام بولسۇن! |
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ قا خاستۇر! |
Plus de sourates en Ouïghour :
Téléchargez la sourate avec la voix des récitants du Coran les plus célèbres :
Téléchargez le fichier mp3 de la sourate As-Saaffat : choisissez le récitateur pour écouter et télécharger la sourate As-Saaffat complète en haute qualité.















Donnez-nous une invitation valide