سوره شعراء به زبان اویغوری
طسم(1) طا، سىم، مىم |
بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر |
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن |
إِن نَّشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِم مِّنَ السَّمَاءِ آيَةً فَظَلَّتْ أَعْنَاقُهُمْ لَهَا خَاضِعِينَ(4) ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇقتە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى |
وَمَا يَأْتِيهِم مِّن ذِكْرٍ مِّنَ الرَّحْمَٰنِ مُحْدَثٍ إِلَّا كَانُوا عَنْهُ مُعْرِضِينَ(5) ئۇلارغا مەرھەمەتلىك اﷲ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ |
فَقَدْ كَذَّبُوا فَسَيَأْتِيهِمْ أَنبَاءُ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ(6) ئۇلار راستلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى (يەنى ئاقىۋىتى) ئۇلارغا كېلىدۇ |
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الْأَرْضِ كَمْ أَنبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ(7) ئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق |
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(8) بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰ أَنِ ائْتِ الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ(10) ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن |
(ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (اﷲ نىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟» |
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن |
وَيَضِيقُ صَدْرِي وَلَا يَنطَلِقُ لِسَانِي فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَارُونَ(13) (ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن |
(ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن» |
قَالَ كَلَّا ۖ فَاذْهَبَا بِآيَاتِنَا ۖ إِنَّا مَعَكُم مُّسْتَمِعُونَ(15) اﷲ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى سېنى ئۇلار ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (مۇنازىرەڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز |
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَا إِنَّا رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ(16) سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز |
ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار» |
قَالَ أَلَمْ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدًا وَلَبِثْتَ فِينَا مِنْ عُمُرِكَ سِنِينَ(18) (ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى) پىرئەۋن (مۇساغا) ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرمىدىڭمۇ؟ |
وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ الَّتِي فَعَلْتَ وَأَنتَ مِنَ الْكَافِرِينَ(19) سەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن تۇزكورلاردىنسەن» |
مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم |
فَفَرَرْتُ مِنكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكْمًا وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُرْسَلِينَ(21) سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى |
وَتِلْكَ نِعْمَةٌ تَمُنُّهَا عَلَيَّ أَنْ عَبَّدتَّ بَنِي إِسْرَائِيلَ(22) سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر» |
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟» |
قَالَ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ(24) مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار» |
پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى |
مۇسا ئيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» |
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ الَّذِي أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌ(27) پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر» |
قَالَ رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِن كُنتُمْ تَعْقِلُونَ(28) مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار» |
قَالَ لَئِنِ اتَّخَذْتَ إِلَٰهًا غَيْرِي لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ الْمَسْجُونِينَ(29) پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن» |
مۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)» |
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن» |
مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى |
مۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى |
قَالَ لِلْمَلَإِ حَوْلَهُ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ(34) پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» |
يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُم بِسِحْرِهِ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ(35) پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» |
قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَابْعَثْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ(36) ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىققۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن |
ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن» |
مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى |
كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى |
لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ السَّحَرَةَ إِن كَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ(40) كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى |
سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى |
پىرئەۋن: «ھەئە، ئۇ چاغدا (سىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى |
مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى |
فَأَلْقَوْا حِبَالَهُمْ وَعِصِيَّهُمْ وَقَالُوا بِعِزَّةِ فِرْعَوْنَ إِنَّا لَنَحْنُ الْغَالِبُونَ(44) ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسسىلىرىنى تاشلىدى. ئۇلار: «پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى |
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ(45) مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۈتۈۋەتتى |
سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى |
ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا - مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا - ئىمان ئېيتتۇق» دېدى |
ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا - مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا - ئىمان ئېيتتۇق» دېدى |
پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ - چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى |
قَالُوا لَا ضَيْرَ ۖ إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنقَلِبُونَ(50) سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى |
إِنَّا نَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَايَانَا أَن كُنَّا أَوَّلَ الْمُؤْمِنِينَ(51) سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى |
۞ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي إِنَّكُم مُّتَّبَعُونَ(52) بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھيى قىلدۇق |
پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى |
(پىرئەۋن ئېيتتىكى) «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر |
ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى |
بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز» |
بىز ئولارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق |
بىز ئولارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق |
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق |
ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى |
فَلَمَّا تَرَاءَى الْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَابُ مُوسَىٰ إِنَّا لَمُدْرَكُونَ(61) ئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر - بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنى) بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى |
مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ» |
بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى |
ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق) |
مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق |
ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق |
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(67) بۇنىڭدا (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ غەرق بولۇشىدا) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى |
ئۇلار: «بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز، بۇ ئىبادەتنى داۋالاشتۇرىمىز» دېيىشتى |
ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟) |
يا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ يا زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟» |
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق» |
ئىبراھىم ئېيتتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭلار نېمە؟ |
سىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنى نېمە؟ |
ئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر) |
ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ |
ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ |
ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ |
ئۇ مېنى قەبزى روھ قىلىدۇ، كېيىن يەنە تىرىلدۈرىدۇ |
وَالَّذِي أَطْمَعُ أَن يَغْفِرَ لِي خَطِيئَتِي يَوْمَ الدِّينِ(82) قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن |
پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن |
كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن |
مېنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن |
ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى |
ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن |
ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ |
پەقەت (اﷲ نىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ» |
جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ |
دوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ |
ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ |
ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى اﷲ نى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ |
بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ |
بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ |
ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق |
ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «اﷲ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق |
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق |
بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى |
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار يوق |
ۋە يېقىن دوستىمۇ يوق |
فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ(102) ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» |
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(103) شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسىدە) (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟ |
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن |
سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ(109) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن |
اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار» |
ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى |
نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن |
إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّي ۖ لَوْ تَشْعُرُونَ(113) ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت پەرۋەردىگارىم ئۈستىگە ئالغان |
مەن مۆمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن |
مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» |
قَالُوا لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَا نُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمَرْجُومِينَ(116) ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن (پەيغەمبەرلىك دەۋەتىڭدىن) يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش - كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن» |
نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى |
فَافْتَحْ بَيْنِي وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِي وَمَن مَّعِيَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ(118) مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن» |
فَأَنجَيْنَاهُ وَمَن مَّعَهُ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ(119) بىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق |
(ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق |
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(121) بۇنىڭدا (تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلار (يەنى كىشىلەر) نىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟ |
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن |
سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ(127) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن |
سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن - كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر |
(گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر |
ئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر |
سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان اﷲ تىن قورقۇڭلار |
ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى |
وَجَنَّاتٍ وَعُيُونٍ(134) ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى |
مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» |
قَالُوا سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُن مِّنَ الْوَاعِظِينَ(136) ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بەرىبىر بىزگە ئوخشاش |
بۇ (يەنى بۇتلارغا چوقۇنۇش) پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت |
بىز ھەرگىز جازالانمايمىز» |
فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَاهُمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(139) ئۇلار ئۇنى (يەنى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى بىز ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
سەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: «(اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟ |
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن |
سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ(145) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن |
سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر) |
سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر) |
سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر) |
خۇشال ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر |
اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار» |
زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار» |
ئۇلار ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن |
مَا أَنتَ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا فَأْتِ بِآيَةٍ إِن كُنتَ مِنَ الصَّادِقِينَ(154) سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن» |
قَالَ هَٰذِهِ نَاقَةٌ لَّهَا شِرْبٌ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍ مَّعْلُومٍ(155) سالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر |
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَظِيمٍ(156) ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر» |
ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى |
فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(158) ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى |
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟ |
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن |
سىلەر اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ(164) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن |
سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» |
وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمْ رَبُّكُم مِّنْ أَزْوَاجِكُم ۚ بَلْ أَنتُمْ قَوْمٌ عَادُونَ(166) سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» |
قَالُوا لَئِن لَّمْ تَنتَهِ يَا لُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمُخْرَجِينَ(167) ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر (دەۋىتىڭدىن) قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن» |
لۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن |
پەرۋەردىگارىم! قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن» |
ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق |
پەقەت موماينى (يەنى لۇتنىڭ ئايالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ) ھالاك قىلدۇق |
ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق |
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِم مَّطَرًا ۖ فَسَاءَ مَطَرُ الْمُنذَرِينَ(173) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان! |
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(174) بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) بىر ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
ئەيكىلىقلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى |
ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر (اﷲ تىن) قورقمامسىلەر؟ |
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن |
اﷲ تىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار |
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ(180) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن |
۞ أَوْفُوا الْكَيْلَ وَلَا تَكُونُوا مِنَ الْمُخْسِرِينَ(181) ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بېرىڭلار، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار |
(نەرسىلەرنى) توغرا تارازىدا تارتىڭلار |
وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ(183) كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى (يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى) كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە - پاسات تېرىماڭلار |
وَاتَّقُوا الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالْجِبِلَّةَ الْأَوَّلِينَ(184) سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان اﷲ تىن قورقۇڭلار» |
ئۇلار ئېيتتى: «سەن سېھىر قىلىنغۇچىلاردىنسەن |
وَمَا أَنتَ إِلَّا بَشَرٌ مِّثْلُنَا وَإِن نَّظُنُّكَ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ(186) سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش (ئاددى) ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمىز |
فَأَسْقِطْ عَلَيْنَا كِسَفًا مِّنَ السَّمَاءِ إِن كُنتَ مِنَ الصَّادِقِينَ(187) ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرگىن» |
شۇئەيب ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ» |
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ الظُّلَّةِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ(189) ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى |
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُم مُّؤْمِنِينَ(190) بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولمىدى |
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر |
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى |
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى |
(قۇرئان) ئوچۇق ئەرەبى تىلىدا (نازىل بولدى) |
ھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرنىڭ) كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان |
أَوَلَمْ يَكُن لَّهُمْ آيَةً أَن يَعْلَمَهُ عُلَمَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ(197) (ئابدۇللا ئىبن سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟ |
ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى |
ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى |
شۇنىڭدەك گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى سالدۇق (ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پاساھەت - بالاغىتىنى ۋە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىدى |
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ(201) ئۇلار (اﷲ نىڭ) قاتتىق ئازابىنى كۆرمىگىچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ |
ئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ (كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ |
(ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب كەلگەندە) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ |
ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟ |
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ |
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ |
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ |
قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگىچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق |
قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز - نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگىچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق |
قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق |
بۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس. ئۇلارمۇ (ئۇنىڭغا) قادىر بولالمايدۇ |
شۈبھىسىزكى، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) (ئوغرىلىقچە) تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغاندۇر |
فَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتَكُونَ مِنَ الْمُعَذَّبِينَ(213) اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن |
يېقىن خىش – ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇغىن |
وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ(215) ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن |
فَإِنْ عَصَوْكَ فَقُلْ إِنِّي بَرِيءٌ مِّمَّا تَعْمَلُونَ(216) ئەگەر خىش - ئەقرىبالىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن ئادا - جۇدا مەن» دېگىن |
ناھايىتى غالىب، مېھرىبان اﷲ قا يۆلەنگىن |
اﷲ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ |
ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ |
شۈبھىسىزكى، اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر |
(ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى) سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ |
ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ |
ئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) نىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر |
شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ |
ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ |
ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ |
پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، اﷲ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ |
سورهای بیشتر به زبان اویغوری:
دانلود سوره شعراء با صدای معروفترین قراء:
انتخاب خواننده برای گوش دادن و دانلود کامل سوره شعراء با کیفیت بالا.
أحمد العجمي
ابراهيم الاخضر
بندر بليلة
خالد الجليل
حاتم فريد الواعر
خليفة الطنيجي
سعد الغامدي
سعود الشريم
الشاطري
صلاح بوخاطر
عبد الباسط
عبدالرحمن العوسي
عبد الرشيد صوفي
عبدالعزيز الزهراني
عبد الله بصفر
عبد الله الجهني
علي الحذيفي
علي جابر
غسان الشوربجي
فارس عباد
ماهر المعيقلي
محمد أيوب
محمد المحيسني
محمد جبريل
المنشاوي
الحصري
مشاري العفاسي
ناصر القطامي
وديع اليمني
ياسر الدوسري
به قرآن کریم چنگ بزنید